UyghurMain Dictionary
ساپپو
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى - مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵئەسىر). قەدىمكى يۇنانلىق لىرىك شائىر، لېسباۋ ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى مىتىرىندا تۇغۇلغان؛ مۇشۇ ئارالنىڭ غەربىدىكى ئېرېسوستا تۇغۇلغان دېگەن گەپمۇ بار. مەرتىۋىلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئالتە يېشىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۈچ ئاكا - ئۇكىسى بار. ياش ۋاقتىدا يۇرتىدا سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ،بىر مەھەل سىلىتسىيە ئارىلىدا پاناھلىنىپ تۇرغان. كېيىن قايتىپ كېلىپ، ئاياللار ئەدەبىيات تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ئادىمى بولۇپ قالغان، ئۇلار ئارىسىدا شېئىر ۋە مۇزىكا ئۆگەتكەن (قەدىمكى يۇنان لىرىكىلىق شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا سېلىپ ناخشا قىلىشقا بولىدۇ). ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھەسرەتلىك پۇراق بار،بۇ ئۇنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى شېئىر بىلەن بايان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك مەبۇدىسى ئافرودىتقا بېغىشلىغان ئەڭ داڭلىق مەدھىيىسىدە بۇ تەڭرىچىدىن ئۆزىنى بەختسىز مۇھەببەت ھەسرىتى ۋە ئازابىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ساپپو پائونغا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلگەن؛ لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا پائۇن پەقەت تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى شاگىرتى ئېرىننا ساقلاپ قالغان. كېيىن رەتلىنىپ توققۇز توملۇق شېئىرلار توپلىمى قىلىنغان، ھازىر ئۇنىڭ بەزى پارچىلىرىلا ساقلانغان (ئافرودىتقا مەدھىيە ئوقۇغان شېئىرى ئەڭ ئۇزۇن ئېسىل ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ). ساپپو بىلەن ئالكېئۇ لېسباۋ ئارىلىدىكى داڭلىق شائىر دەپ ئاتالغان.