UyghurMain Dictionary
ساپلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چۆمۈچ، ئۇسقاق.
بايا ئىككى ساپلىق ئاش ئىچىۋىدىم، قورسىقىم يەنە ئېچىۋاتىدىغۇ!
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«ساپ Ⅱ»گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان) .
پاكلىق، تازلىق.
نەدە ھەق - باھەق ئاجرىتىلمايدۇ، كىشىلەرنىڭ خۇلقىدا ساپلىق بولمايدۇ. * ئەيىبنى ھېس قىلىش ئۆزىنى ئۆزى پاش قىلىش ئەمەس، بەلكى ۋىجدان ئازابى، مەنىۋى ساپلىق ۋە دىيانەتسېرى ئىنتىلگەنلىكتۇر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«ساپ Ⅰ»گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان) .
1. سېپى بار، ساپلانغان.
ياغاپ ساپلىق تۆمۈر ئارىنى ئەكەل.
2 . ساپ قىلىشقا لايىق نەرسە. سۈگەت شېخىدىن ئىككى ئۈچ تال ساپلىق كېسىۋالدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ، تاماق ئۇسىدىغان سايمان.
«چۆمچە» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
كەتمەن ئەرنىڭ قولىدا بولغىنى بىلەن، ساپلىق خوتۇنىنىڭ قولىدا. ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ. قازاننىڭ گۇۋاھچىسى چۆمۈچ. نوگۇي _ دېھقاننىڭ ئۆز مەھسۇلى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساپلىق،دەستىلىك.
قىلىچ، پىچاققا ئوخشاش نەرسىلەرگە ساپ بولۇشقا يارايدىغان نەرسە. ھەر قانداق نەرسىنىڭ سېپى « ساپلىق» دېيىلىدۇ.
1 - 614
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈرلۈك مېتاللاردىن ياسالغان، ساپ بېكىتىلگەن چۆمۈچ.
ئاشپەز ئۇستام قولىدىكى ساپلىقىنى ئوچاق بېشىدا قويۇپ، ئۇدۇللا، ھېلىقى كىشىنىڭ ئالدىغا باردى.
سېپى بار كىچىك قازان.
ئاشپەز بېلىقلارنى يۇيۇپ - تازىلاپ، ساپلىققا سېلىپ، ئوت يېقىپ قورۇشقا باشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سېپى بار، ساپ بېكىتىلگەن.
ئېلىقۇل كالتە ساپلىق بىر ئاپتوماتنى مۈرىسىگە ئېسىپ كېلىۋاتاتتى.
ئى. ساپ قىلىشقا لايىق ياغاچ.
مەن ساپلىق تېپىپ، پالتامنى دەستىلىۋېلىش ئويىغا كەلدىم - دە، قويۇق ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساپ، پاكىز بولۇش، ئارىلاشمىلاردىن خالىيلىق، پاكلىق.
ئوكۇلنىڭ تەركىبى ھەم ساپلىق دەرىجىسىنى بىلىش بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم.