Chinese→UyghurMain Dictionary
三叶虫
ئۇنىۋېرسال
sān yè chóng
ترىلوبىتا قۇرتى
بىئولوگىيە
ئۈچ ياپراقلىق قۇرت
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىنىڭ بىر سىنىپى ئىندىۋىدىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 2 - 7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 1 - 3 سانتىمېتىر، لېكىن ئەڭ كىچىكلىرى 6.0 سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭلىرى 75 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. دۈمبە قاپچۇقىدا بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە ئىككى تال دۈمبە (ئوقى) ئېرىقچىسى بولۇپ، ئوتتۇرىسى ئوق قىسمى ياكى ئوتتۇرا ئوق ياپرىقى دېيىلىدۇ، ئىككى يېنى قوۋۇرغا قىسمى ياكى قوۋۇرغا ياپرىقى دېيىلىدۇ. شۇڭا ئۈچ ياپراقلىق قۇرت دەپ ئاتالغان. توغرىسىغا ئالدى، ئوتتۇرا ۋە ئارقا قىسىملىرىغا بۆلۈنىدۇ. ئالدى قىسمى بېشى بولۇپ، ئاساسەن باش قالقىنى ۋە بويۇن قىسمىدىن تۈزۈلگەن؛ باش قالقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۆرتۈپ چىققان باش ئويمانچىسى (ئىگىرى) بولىدۇ. ئوتتۇرا قىسمى كۆكرىكى بولۇپ بوغۇملانغان، ئېگىلەلەيدۇ، ئارقا قىسمى قۇيرۇق قورساق قىسمىدا ئېغىز، ئانتېننىسى پۇتلىرى ۋە ناسوسى بار. دېڭىزدا ياشايدۇ، كۆپچىلىكى سۇ تېگىدە ھايات كەچۈرىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى لاي - قۇملارغا يوشۇرۇنۇپ ياكى لەيلەپ يۈرۈپ ياشايدۇ. كېمبرىي دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلىرى، ئۇرۇقداش، تۈرلىرى پەيدا بولۇپ، كېمبېرىي دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ھەم ئوردوۋىك دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپەيگەن. سىلۇر دەۋرىدىن كېيىن تەدرىجىي زەئىپلىشىپ ئىككىلەمچى دەۋرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. پۈتۈن دۇنيادا 1500 ئۇرۇقداش 10 مىڭ تۈرى تېپىلغان. مەملىكىتىمىزدە تەخمىنەن 0001 دىن ئارتۇق تۈرى بار. ئۈچ ياپراقلىق قۇرتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشى تېز، ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك، گېئولوگىيىلىك مۇساپىسى قىسقا ھەم سانى كۆپ، تارقىلىشىمۇ كەڭ بولغاچقا يەر قاتلاملىرىنىڭ دەۋرىنى ئېنىقلاشتىكى قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئۆلچەملىك قالدۇق تاشقا ئايلانغان. بولۇپمۇ قەدىمكى ھايات ئېراسىدىكى كېمبرىي ۋە ئوردوۋىك - ئىككى دەۋرنىڭ يىل - مەزگىللىرىنى ئۈچ ياپراقلىق قۇرتتىن پايدىلىنىپ ئېنىقلاش ناھايىتى ئىشەنچلىك.