Chinese→UyghurMain Dictionary
伞形花序
ئورمانچىلىق,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,ئۇنىۋېرسال
sǎn xíng huā xù
كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى
چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىرخىلى. گۈل ئوقى قىسقا بولۇپ، ھەرقايسى گۈللەر گۈل ئوقىنىڭ چوققىسىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل سېپى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. گۈل رېتى كۈنلۈكسىمان بولىدۇ، ھەر قايسى گۈللەر تىزىلىپ يۇمىلاق يۈزلۈك ياكى تەكشى يۈزلۈك ئۆگزىنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، پىياز، تاشسامساق، گىلاس ۋە ئادەمگىياھ قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتى. ئەگەر گۈل ئوقىنىڭ چوققىسىدا بىرقانچە تارماق شاخ توپلىشىپ ئۆسۈپ، ھەربىر شاخنىڭ ئۇچىدا بىر كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۆسسە بۇ مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، سەۋزە، كەرەپشە، ئارپا بەدىيان قاتارلىق كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل رېتى.