Chinese→UyghurMain Dictionary
三王之战
دۇنيا تارىخى
ئۈچ پادىشاھنىڭ ئۇرۇشى
ماكخازىدىن دەرياسى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ماراكەشنىڭ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇشقا پورتۇگالىيە كورۇلى، ماراكەش پادىشاھى ۋە ماراكەشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھى قاتناشقانلىقتىن ئۈچ پادىشاھ ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. 1451 - يىلدىن باشلاپ پورتۇگالىيە كەينى - كەينىدىن ماراكەشنىڭ تانگېئېر، ئاگادىر قاتارلىق جايلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، سائادې سۇلالىسى <غازات> قىلىپ، پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئاگادىر، سافى (Safi) ۋە ئازېممۇر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1578 - يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى سېباستىئاۋ (1554 - 1578) 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئارزىلاردا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ماراكەشنى بويسۇندۇرماقچى بولغان، سائادې سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كورۇلى مۇھەممەد مۇتاۋاككىل ئارمىيىنى باشلاپ ئۇنىڭغا بېقىنغان. ماراكەش پادىشاھى ئابدۇلمەلىك قوشۇنىنى باشلاپ ئارقىغا ھېكىنىپ، دەم ئېلىپ كۈچ توپلىغان. پورتۇگالىيە قوشۇنى ماكخازىن دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ كەلگەندە مەلىك 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەڭگە ئاتلانغان، پورتۇگالىيە مەغلۇپ بولغان، سېباستىئان بىلەن مۇتاۋاككىل تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. مەلىك كېسەل بىلەن ئۆلگەن، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا ماراكەش مىللىي مۇستەقىللىكى قوغداپ قېلىنغان.