UyghurMain Dictionary
سانت جۇست
دۇنيا تارىخى
(1767 - 1794)فرانسيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ياكۇبىنچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1789 - يىلى ھەجۋى شېئىر<ئورېگون>نى يېزىپ، ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتناشقان. 1790 - يىلى مەملىكەتلىك ئىتتىپاق تۈزگۈچىلەر بايرىمىغا قاتنىشىپ، روبېسپېرنىڭ سادىق قوللىغۇچىسىغا ئايلانغان. 1791 - يىلنىڭ ئاخىرىدا <فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىي ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ھەقىقى مەنىسى>نى ئېلان قىلىپ، جامائەتكە تونۇلغان. ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلانغان. 11 - ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىدا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ، لۇئى ⅩⅥنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1793 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومېتىتىغا قاتنىشىپ، گىروندىچىلارغا قاتتىق رەددىيە بېرىپ، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇرۇشنى، تېرورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان. فلېئۇروس جېڭى غەلىبىسىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى روبېسپېرنىڭ ھېبېرتچىلار ۋە دانتونچىلارنى باستۇرۇشنى قوللىغان. تۇمۇز ئاي سياسىي ئۆزگىرىشىدە ئۆلتۈرۈلگەن. <سانت - جۇست ئەسەرلىرى>، <سانت - جۇست نۇتۇق ۋە دوكلاتلىرى توپلىمى> قاتارلىقلار بار.