Chinese→UyghurMain Dictionary
三十九信条
Domain: دۇنيا تارىخىئوتتۇز توققۇز ئەقىدە
ئەنگلىيە دۆلەت دىن جەمئىيىتىنىڭ ئەقىدىسى. بۇ ئەقىدە 1563 - يىلى لاتىن يېزىقىدا ۋە ئىنگلېىز يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلاھىي تاماققا مۇناسىۋەتلىك 29 - ماددا چىقىرىۋېتىلگەن؛ 1571 - يىلىغا كەلگەندىلا بۇ ماددا ئېلان قىلىنغان. ئەقىدە كالۋىن دىنىنىڭكىگە سەل ئوخشايدۇ، مەسىلەن: <تەۋرات> نى ئېتىقادنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىش، گۇناھتىن ساقىت بولۇش چېكى ۋە مۇقەددەس سۈرەتكە چوقۇنۇش ئىشلىرىنى ئىنكار قىلغان، لېكىن كاتولىك دىنىنىڭ روھانىيلىق تۈزۈمىنى ۋە باشقا كۆپ مۇراسىملىرىنى ساقلاپ قالغان.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.