UyghurMain Dictionary
ساننى سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1275 - 1493)غەربىي ئافرىقىدىكى سوڭخەي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سوڭخەيلەر ئەسلىي نىگېر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىندىكى دېنىدىدا ئولتۇراقلاشقانىدى. Ⅶ ئەسىردە نىگېر دەرياسىنى ياقىلاپ يۇقىرىغا كۆچۈپ، كۇكيادا پادىشاھلىق قۇردى. تەخمىنەن 1009 - يىلى گائوغا كۆچۈپ بېرىپ، ئسىلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. كانا ۋە مالى پادىشاھلىقىغا بېقىندى. مالى پادىشاھلىقىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەلى كولون گائوغا قېچىپ بېرىپ، ئۆزىنى ساننى (سوڭخەيلەرنىڭ پادىشاھى) دەپ ئاتاپ، سۇلالە قۇردى. ساننى ئەلى (1464 - يىلىدىن 1492 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە چىققاندىن كېيىن، سىرتقا ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىپ، 1468 - يىلى تىمبۇكتونى، 1473 - يىلى جېننېنى ئىشغال قىلىپ، مالى پادىشاھلىقىنى نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كىچىك دۆلەت ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويدى. كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ساننى ئىمپېرىيىسىگە ئاساس سالدى. ساننى ئەلى 1492 - يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى بارو تەختكە چىقتى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەسكىيە سۇلالىسى ئالدى.