Uyghur←ChineseMain Dictionary
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش
بىئولوگىيە
减数分裂
jiǎnshùfēnliè
جانلىقلارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى يېتىلىش جەريانىدا بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە يىپلىق بۆلۈنۈش بولۇپ، <يېتىلىپ بۆلۈنۈش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى تۈرلىرى بويىچە پەرقلىنىپ، گامېتىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشى (ھايۋان ۋە ئاز ساندىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە)، سپورىنىڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشى (يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردە) ۋە زىتوتىنڭ سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشى (بەزى يۈسۈنلەر ۋە زەمبۇرۇغلار) دەپ بۆلۈنىدۇ. سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ھۈجەيرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ئىككى قېتىملىق بۆلۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش 1( ۋە ئىككىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش )سان كېمەيتىپ بۆلۈنش Ⅱ( دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق بۆلۈنۈش ئالدىنقى، ئوتتۇرىدىكى، كېيىنكى، ئاخىرقى دەپ تۆت دەۋرگە بۆلۈنىدۇ )يەنى ئالدىنقى دەۋرىⅠ، ئوتتۇرا دەۋرىⅠ، كېيىكى دەۋرى Ⅰ، ئوتتۇرا دەۋرى Ⅰ، ئالدىنقى دەۋرى Ⅱ، ئوتتۇرا دەۋرى Ⅱ، كېيىنكى دەۋرى Ⅱ ۋە ئاخىرقى دەۋرىⅡ( ئالدىنقى دەۋر Ⅰ نىڭ ۋاقتى ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇنىڭدىكى خروموسومىلارنىڭ ھەرىكىتى مۇرەككەپ بولىدۇ، ئادەتتە بۇ يەنە ئىنچىكە يىپلىق مەزگىلى، جۈپ يىپلىق مەزگىلى، توم يىپلىق مەزگىلى، قوش يىپلىق مەزگىلى ۋە ئۆزگىرىش - ئاخىرىلىشىش مەزگىلى قاتارلىق بەش مەزگىلگە بۆلۈنىدۇ. سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خروموسومابىر قېتىم نۇسخىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىككى قېتىم داۋاملىق بۆلۈنۈپ )سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش Ⅰ ۋە Ⅱ( بىلەن تۆت دانە ھۈجەيرىدىكى خروموسوما سانى )n( ئانا ھۈجەيرىدىكى )2n( گە قارىغاندا يېرىم كېمەيگەن تاق ھەسسىلىك تەنچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ھاسىل بولغان تاق ھەسسىلىك تەنچىلىك كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى ئۇرۇقلىنىپ قوشۇلغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن ئىككى ھەسسىلىك تەنچىلىك زىگوتا ھاسىل بولۇش بىلەن جىنىسلىق كۆپىيىش جەريانىدا ئىرسىي ماددىسىنىڭ نىسپىي تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ نىڭ توم يىپلىق مەزگىلىدە ئىرسىيەت ماددىسى جۈپلەشكەن ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلارنىڭ غەيرىي ئاچا - سىڭىل خروماتىدلىرى ئارىسىدا ئالمىشىپ، گېنلار قايتىدىن گۇرۇپپىلىشىدۇ - دە، جىنىسلىق كۆپەيگەن ئەۋلادلاردا ئىرسىيەت ئۆزگىرىشچانلىقىنىڭ خىلمۇ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.