Chinese→UyghurMain Dictionary
三军府
دۇنيا تارىخى
ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسىدىكى ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئورگان. كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى دۆلەت ئارمىيىسىنى باشقۇرىدىغان ئۈچ ئارمىيىنى باشقۇرۇش باش مەھكىمىدىن كېلىپ چىققان. بىراق بيۇروكرات چوڭ پومېشچىكلارنى يەنىلا شەخسىي ئەسكەرلىرى بولغان. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، ھوقۇقنمى مەركەزلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچەيتىلگەن. 1393 - يىلى (تەيزۇ ئىككىنچى يىلى) ھەربىي تۈزۈم ئىسلاھ قىلىنىپ، يىشىڭ ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت ئارمىيىسى ۋە شەخسىي ئەسكەرلەرنى باشقۇرغان، 1400 - يىلى (دىڭزۇڭ 2 - يىلى) ئەمەلدار تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنىپ، مەركىزىي مەھكىمە ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، ھەربىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىش يولغا قويۇلغان ھەمدە شەخسىي ئەسكەر بىكار قىلىنغان. ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى ئۈچ ئارمىيىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي مەمۇرىي ئورگان بولۇپ تەسىسلەنگەن. 1401 - يىلى (تەيزڭنىڭ 1 - يىلى) ئۈچ ئارمىيە مەھكىمىسى يەنە زوراغالىق مەھكىمىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1405 - يىلى لەشكەر مەھكىمىسىگە بىۋاستە قاراشقا ئۆزگەرتىلگەن، 1409 - يىلى (تەيزۇڭنىڭ 9 - يىلى) ئۈچ ئارمىيە باسقاقبەگ مەھكىمىسى قۇرۇلغان، ئۇ لەشكەر مەھكىمىسى چۈشۈرۈپ بەرگەن ھەربىي بۇيرۇقلارنى باشقۇرغان.