Chinese→UyghurMain Dictionary
三井财阀
دۇنيا تارىخى
مىتسۇي مالىيە زومىگىرى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ياپونىيىدىكى تۆت مالىيە زومىگىرىنىڭ بىرى. مىتسۇي جەمەتى ئېدو دەۋرىدە تاۋار - دۇردۇن ۋە پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان.مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمەت بانكىسىنىڭ كاسسىرلىق ۋە پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى تۇتقان. 1876-يىلى مىتسۇي بانكىسى ۋە نىتسۇي مەھسۇلات شىركىتىنى ئاچقان. 1889-يىلى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مىكې كۆمۈر كېنىنى ھۆددىگە سېتىۋالغان. 1892-يىلى مىتسۇي كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان. 1909-يىلى باش شىركىتىنىڭ مىتسۇي بىرلەشمە جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، بانكا ئىشلىرى، مەھسۇلات، كانچىلىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كانسايىئېن تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغان. 1931-يىلى مىتسۇي بىرلەشمە كامپانىيىسىنىڭ مەبلىغى 300 مىليون يېنغا كۆپەيگەن. 40 بىۋاسىتە ۋە شېرەم شىركەتكە ئىگە بولغان. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربىي سانائىتى تارماقلىرى ۋە ئىشغال قىلىنغان جايلارغا كېڭىيىش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىپ 151 بىۋاسىتە ۋە شېرەم مەبلەغ سېلىش شىركىتىگە ئىگە بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، مىتسۇي مالىيە زومىگىرى تارقىتىۋېتىلگەن، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە كارخانا گۇرۇھى شەكلى بىلەن چوڭ مالىيە گۇرۇھى بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1977-يىلى 23 بىۋاسىتە كارخانىغا، جۈملىدىن ئىككى بانكا، ئىككى سۇغۇرتا شىركىتى، 19 سودا - سانائەت كارخانىغا ئىگە بولغان، 23 كارخانىنىڭ جىڭلىلىرى <نىكى جەمئىيىتى> بولۇپ تەشكىللىنىپ، مالىيە گۇرۇھىنىڭ چوڭ - چوڭ پائالىيەتلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان.