Uyghur←ChineseMain Dictionary
سانگۋىنىك تېمپېرامېنىت
پسىخولوگىيە
多血质
duō xuè zhì
بۇ خىل تېمپېرامىنتلىق كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنىڭ قوزغىلىشى تېز ۋە كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن بىقارار بولىدۇ. كەيپىياتى تېز ئۆزگىرىدۇ، بۇ خىل تېمپېرامېنتلىق كىشلەر چاققان، ھەرىكەتچان، جۇشقۇن بولىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا تېز غەيرەت بىلەن كىرىشىدۇ. لېكىن تېزلا سوۋۇپ قالىدۇ. بىر خىلدا داۋاملاشىدىغان ئىشلارنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمايدۇ. بۇ خىلدىكى بالىلار بولسا دەرھال خاپا بولۇپ يىغلاپ، بىردەمدىن كېيىن خاپىلىقنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. يىغىسى دەرھال كۈلكىگە ئايلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.