UyghurMain Dictionary
ساندبۇرگ
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1967) ئامېرىكىلىق شائىر، بىئوگراف. ئىللىنوئىس شتاتىدىكى شۋېتسىيىلىك كۆچمەنلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىق دەۋرىدە ئىشچى بولغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا مەتبۇئاتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ شۋېتسىيە، نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى بولغان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن <چىكاگو كۈندىلىك خەۋىرى>دە 13 يىل ئىشلىگەن، كېيىن يېزىدا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <لىنكولىننىڭ تەرجىمىھالى> (ئالتە توملۇق كىتاب، تەخمىنەن 3 مىليون خەتتىن ئارتۇق)، <سالام ئامېرىكا>، <ھەئە، خەلق>، <كەڭ زېمىندىكى بوران - چاپقۇن>، <چىكاگودىكى ناخشىلار> قاتارلىقلار. ئۇ يەنە ئامېرىكاخەلق قوشاقلىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى توپلىغۇچى بولۇپ، <ئامېرىكا قوشاقلىرى توپلىمى>، <ئامېرىكا يېڭى قوشاقلىرى توپلىمى>نى يازغان.