Chinese→UyghurMain Dictionary
三八线
ئۇنىۋېرسال
sān bā xiàn
38- پاراللېل
دۇنيا تارىخى
38 - پاراللېل
1945 - يىلى 8 - ئايدا، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مەسلىھەتلىشىپ، چاۋشيەن زېمىنىدىكى شىمالىي كەڭلىكتە 38 - پاراللېلنى ئىككى دۆلەتنىڭ ياپونىيىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەت ۋە ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىنى رايون بويىچە قوبۇل قىلىشتىكى ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى قىلىشنى بېكىتكەن، شىمالىي قىسمى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش رايونى، جەنۇبىي قىسمى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىش راينى بولغان. ئومۇمەن بۇ سىزىق <38 - پاراللېل> دەپ ئاتالغان. 1950 - يىلى 6 - ئايدا، ئامېرىكا قوشۇنى 38 - پاراللېلدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، جۇڭگو - چاۋشيەن خەلقى بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئامېرىكىنى 1953 - يىلى 7 - ئايدا چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. <38 - پاراللېل> ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى غەيرىي ھەربىي رايون قىلىپ قۇرغان.