UyghurMain Dictionary
ساناقلىق كۈنى قالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېرىپ ئەجەل بوسۇغىسىغا كېلىپ قالماق.
نېمىدىن قورقاتتىم، قېرىدىم، ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى، - دېدى توختى بوۋاي. بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى، ئۆلسەم، كۆمۈشۈپ قويار، - دېدى بوۋاي. بالىلىرىم، مېنىڭ بەش كۈنلۈكۈم قالدى، ئەمدى ئۆزەڭلەرگە پۇختا بولۇڭلار! <ساناقلىق كۈنى قالغان بوۋايغا ئۇنچىلىك بايلىقنىڭ نېمە لازىمى بار. مەن بىر پۇتى يەردە، بىر پۇتى گۆردە بىر بوۋايمەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئۆمرى ئاز قالماق، ھاياتى ئاخىرلاشماق، ئەجىلى يېقىنلاپ قالماق: ئالسىمۇ كەتمەيتتى كۆزلىرىم ئوچۇق، تۇتۇپ بىر ياخشىنىڭ پېشىنى دىلبەر! ساناقلىق كۈنلىرىم قالدى ئاھ، مېنىڭ، ئەزرائىل كېلىدۇ بۈگۈن يا سەھەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئۆمرى، ھاياتى ئاخىرلاشماق.
ئانام شەھەردە يالغۇز، قارايدىغان ئادەم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىپ ساناقلىق كۈنلىرىلا قالدى.