Uyghur←ChineseMain Dictionary
سامۇ - ئەنگىلىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
萨英战争
sà yīng zhàn zhēng
ياپونىيە توكوگاۋاشوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سامۇ ۋاسساللىقى بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. 1862 - يىلى شېگمەي ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە شوگنات ھۆكۈمىتى ئارقىلىق سامۇ ۋاسساللىقىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىش ۋە جىنايەتچىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سامۇ ۋاسساللىقى ئۇنى رەت قىلغان. 1863 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى كوئوپېر ھەربىي پاراخوتتىن يەتتىنى باشلاپ يوكۇخامدىن يولغا چىقىپ، 10 - كۈنى كاگوسما قولتۇقىغا يېىتپ كەلگەن. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەنگىلىيە فلوتى سامۇ ۋاسساللىقىنىڭ كېمىسىدىن ئۈچنى تۇتۇۋالغان ھەمدە قىرغاقتىكى پوتەيلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان، لېكىن بورانلىق يامغۇردا ئەنگىلىيە پاراخوتلىرى ناھايىتى زور چىقىمغا ئۇچراپ، بايراقدار پاراخوتنىڭ باشلىقى بولۇپ 60 نەچچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. كاگوسما شەھىرى كوچىلىرنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىرى ۋەيران بولغان. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ، تۆت قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق، سامۇ ۋاسساللىقى جىنايەتچىنى جازالاشقا (ئىجرا قىلمىغان) ھەمدە 25 مىڭ فوندستېرلىڭ تۆلەشكە ماقۇل بولغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق سامۇ ۋاسساللىقى ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى تونوپ يەتكەن، ئەنگىلىيەمۇ سامۇ ۋاسساللىقىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇ - ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتى كۈندىن - كۈنگە قۇيۇقلاشقان.