Uyghur←ChineseMain Dictionary
سام تاغام
Domain: دۇنيا تارىخى山姆大叔
shān mǔ dà shū
ئامېرىكىنىڭ لەقىمى.1812 - يىلدىكى ئامېرىكا - ئەنگىلىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پەيدا بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى نيو - يورك شىتاتىنىڭ تروي شەھىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي قورال - ياراق بۇيرۇتمىسىنى تەكشۈرىدىغان، سامۇل ۋىلسون ئىسىملىك بىر ئەمەلدار بار ئىكەن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى <سام تاغام> دەپ ئاتىشىدىكەن. ئىنگلىز تىلىدىكى <سام تاغام> دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى U بىلەن S بولىدۇ. دېمەك، <ئامېرىكا> دۆلىتىنىڭ قىسقارتىلغان نامى U.S گە ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر چاقچاقلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ U.S دېگەن خەت بېسىلغان ھەربىي بۇيۇملار ساندۇقىنى چوڭ سام تاغامنىڭ ساندۇقى دېيىشىدۇ. ھەجۋىي رەسساملارمۇ ⅨⅩ ئەسىردىكى يېڭى ئىنگلىزلارنىڭ ئوبرازى بويىچە سام تاغامنى ئۈستىگە توق كۆك رەڭلىك فرانك، يوللۇق شىم كىيگەن، كەكە ساقاللىق ياداڭغۇ ئادەم قىلىپ سىزاتتى. 1961 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە <سام تاغام> ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى <ئامېرىكىنىڭ سىمۋولى> قىلىش توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.