UyghurMain Dictionary
سامساق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوتياشنىڭ بىر خىلى. تەمى ئاچچىق بولىدۇ، پۇرىقى كۆڭۈلگە تېگىدۇ.
سامساق ئۆز ئەتراپىدىكى 5 سانتېمىتىر كېلىدىغان يەردىكى مىكروپنى ئۆلتۈرىدۇ. سامساقنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، 100 گرام سامساقتىن 114 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى ئاققا مايىل سۆسۈن، يوپۇرمىقى بىلەن گۈل ئوقى يۇمران ۋاقتىدا كۆكتات قىلىنىدۇ؛ يەرئاستى غولى ئاچچىق بولۇپ،
قوزغاتقۇچى پۇراققا ئىگە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئاستى غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئورۇپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل
ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تەرلىتىش، قاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش،
تەشەننۇجنى بوشىتىش، يارىلارنى تازىلاش ۋە پۈتتۈرۈش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپدا ئىشلىتىلىدۇ.
قىزىل پوست سامساقتىن 20 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، 200 مىللىلېتىر % 95لىك ئىسپىرتقا چىلاپ، 10 كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن
سۈيىنى ئېلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، باكتېرىيىلىك تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى باش سامساقنى 15 گرام ئاق تۇرۇپ، ئىككى تال سۇڭپىياز، سەككىز گرام دولانا، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ،
ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، زۇكام ۋە كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساق ۋە يېپىشقاق تېرىقتىن 35 گرامدىن ئېلىپ، يېپىشقاق تېرىقنى قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، سامساقنى قايناق سۇدا سەللا
قاينىتىپ (سىرتى پىشقان، ئىچى خام بولۇش كېرەك) قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پوستى ئېلىۋېتىلگەن سامساقتىن 35 گرام ئېلىپ، ئېزىپ 100 مىللىلېتىر سۇغا بىر كېچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۈستىدىكى
سۈزۈلگەن سۈيىنى ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كۆك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پوستى سويۇلغان سامساقتىن بىر باش ئېلىپ، ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى
كۆكيۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سامساقتىن بىر باش، شاتارىدىن بىر سەر ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ، 75% لىك ئىسپىرت بىلەن تەييارلاپ، ئاغرىق ئورۇنغا بىر سانتىمېتىر
قېلىنلىقتا چېپىپ داكا بىلەن تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىمدىن بولغان بەدەن كۆكىرىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت باش سامساقنى 50 تال ئىنەكپىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق ئېزىپ، ھەركۈنى كەچتە پۇتنىڭ ئالقىنىغا چېپىپ بەرسە، سۇلۇق
ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. سامساقنىڭ يىلتىزى ساقالسىمان چاچما يىلتىز بولۇپ، ھەقىقىي غولى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق تەخسىسىمان غولدىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا8 ~13 تالغىچە يوپۇرماق ئۆسىدىغان بولۇپ، يوپۇرمىقى ياپىلاق ھەم تار تاسمىسىمان كېلىدۇ.
يوپۇرماق غىلىپى ئورىلىپ كانايسىمان يالغان غولنى شەكىللەندۈرىدۇ. سامساقنىڭ تەڭگىچە غولى سامساق چىشى (تىلىمچىلىرى)دىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئوزۇقلۇق زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.
سامساقنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سامساق چىشلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ چوڭ چىشلىق سامساق ۋە كىچىك چىشلىق سامساق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى سامساق بېشى ئېلىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەمى ئاچچىق، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ؛ كېيىنكىسى سامساق مايسىسى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان بولۇپ، يېشىل كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. داڭلىق لياۋنىڭ سامسىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سامساق بېشى200 گرام ئەتراپىدا كېلىدىكەن. خاتىرىلىنىشىچە، مەنچىڭ دەۋرىدە بۇ خىل سامساق داڭلىق كۆكتات ئورنىدا ئوردىغا سوۋغا قىلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن5000 يىللار ئىلگىرىلا قەدىمكى مىسىر ۋە رىملىقلار سامساق يېسە كېسەل داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىغا، شۇنىڭدەك ئادەمنى ساغلام ھەم باتۇر قىلىپ يېتىلدۈرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن. قەدىمكى يۇناندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارغا روھلاندۇرۇش دورىسى (ستىمۇلانت) ئورنىدا سامساق يېگۈزۈلگەن. سامساق تەركىبىدە ئۇچۇپان »ئاللىتسىن (سامساق ماددىسى)« بولۇپ، ئىشتىھانى ئېچىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى ھەم خولېرا يايسىمان باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئامېرىكا مېدىتسىنا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سامساق يەنە قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، سامساق يەنە ئادەم تېنىدىكى نىتروزامىن (راك پەيدا قىلغۇچى ماددا)نىڭ سىنتېزلىنىشى ۋە سۈمۈرۈشىنى كۆپ جەھەتتىن توسۇپ، ئادەم تېنىنىڭ راكقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن.
ياپونىيىدە كىشىلەر بىر خىل پۇراقسىز سامساقنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل سامساقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى سامساقتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. كۆپىنچە ئۇ تاماق تەمىنى تەڭشىگۈچى ماتېرىيال ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە باكتېرىيىلەرنى تېزگىنلەش رولىغا ئىگە.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ بېشى.
سامساق - ئۇنى يېگەننىڭ تېنى ساق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تەمى كۈچلۈك كۆكتاتنىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
بىر خىل كۆكتات ئىسمى