UyghurMain Dictionary
ساموئا ئاراللىرى
بىئولوگىيە
تىنچ ئوكياندىكى پولېنزىيە ئاراللىرى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىي قىسمىغا، نۇرغۇن ئاراللار گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارال. بۇ ئاراللارنىڭ يەر مەيدانى تەخمىنەن 3150 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 180 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئاراللار ئۆزىنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ غەربىي ساموئا، شەرقىي ساموئا دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ئاراللاردا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ كۆپىنى پولېنزىيە تىل سىستېمىسىدىكى ساموئا خەلقلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا ياۋروپالىقلار ھەم ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، جۇڭگولۇقلار، چاۋشيەنلىكلەر، ئامېرىكىلىقلر، ئاۋسترالىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ساموئا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلىنى ئورتاق قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنى بىلەن خرىسىتئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ساموئا خەلقلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كوكۇس پالمىسى، بانان، شېكەر قومۇش، ئاناناس قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. ئۇنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.