Chinese→UyghurMain Dictionary
萨摩利.杜尔
دۇنيا تارىخى
سامورى تۇرې
(1830 - 1900) گۋىنىيە مىللىي قەھرىمانى. سانانكوتودا تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سودىگەرچىلىك قىلغان، 1853 - يىلى ئەسكەرلىككە كىرگەن. كېيىن ئوئاسسۇلو دۆلىتىنى قۇرغان. 1880 - يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، غەربىي سۇدان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى - ماندىنكا پادىشاھلىقىنى تەشكىل قىلىپ، ئەمىر ۋە ئىماملىققا كۆرسىتىلگەن. دۆلەتنى ئىسلام دىنى پرىنسىپلىرى بويىچە ئىدارە قىلغان، ھەربىي قىسىمنىڭ قورال - ياراقلىرىنى ياخشىلىغان ۋە ستراتىگىيە - تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەن. 1882 - 1886 - يىللىرى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىنى بىرنەچچە قېتىم چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى سۈلھ تۈزۈشكە مەجبور قىلغان. 1891 - يىلى يەنە ئۇرۇش قوزغىلىپ، فرانسىيە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ، پىل چىشى قىرغىقى ۋە لىبىرىيىگە يۆتكىلىپ جەڭ قىلغان. خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، 1898 -يىل 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ ئەسرگە ئېلىنىپ، گابۇنغا سۈرگۈن قىلىنغان.