Uyghur←ChineseMain Dictionary
سامانىيلار سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
萨曼王朝
sà màn wáng cháo
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراندىكى فېئودال خاندانلىق (874 - 999). ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ماۋرائۇننەھر رايونى (ئامۇر دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايون) نىڭ باش ۋالىيسى ناسىر (874 - 892 - يىللىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن) قۇرغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ئىران ئاقسۆڭىكى سامانى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ نام بېرىلگەن. ئىسمائىل تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (289 - 907)مىلادى 900 - يىلى ساففارىيلار سۇلالىسىنى يوقىتىپ، خوراسان ۋە تەبەرىستان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان. ناسىر Ⅱ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە(914 - 943) دۆلەت راسا روناق تاپقان، ئىگىلىك گۈللەنگەن؛ پايتەخت بۇخارا ۋە سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەرمەشھۇر ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان، مەشھۇر شائىرلار ۋە ئالىملار كۆپ چىققان. خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقى تۈركلەردىن تەركىب تاپقان ئوردا نۆۋكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. 999 - يىلى قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان زېمىنى بۆلۈۋېلىنغان.