UyghurMain Dictionary
سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
غولى ئىچىدىكى ياغاچلىق قىسمى تەرەققىي قىلمىغان، ياغاچلاشقان ھۈجەيرە پوستى نىسبەتەن ئاز بولغان ئۆسۈملۈك. ئادەتتە بويى پاكار، غولىنىڭ سۈپىتى يۇمشاق بولىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆسۈش پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۈتۈن تۈپى ياكى يەر ئۈستى قىسمى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ياشاش يىل چەكلىمىسىگە ئاساسەن بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك (مەسىلەن، شال، پۇرچاق، پەمىدۇر، تەرخەمەك)، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر (تۇرۇپ، سەۋزە، كۈزلۈك بۇغداي)، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، توپىتامبۇر، ئىرىس، سېسىقيار) گە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
سامان غولغا ئىگە ئۆسۈملۈكلەر. ئۇلار ئادەتتە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ۋە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك دەپ ئايرىلىدۇ.