UyghurMain Dictionary
سالتاڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيلەنمىگەن ياكى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان ئەر.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. پارىژ شەھەىردىكى 3 مىليون ئاھالىنىڭ 1 مىليون300 ،مىڭى بويتاق - تول ئىكەن. گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. ساياق يۈرگەن تاياق يەر. ئەلگەكتە سۇ تۇرماس، ساياقتا پۇل. يالغۇز باش يېنىدىكى يېقىندىن يىراق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماكانسىز، يالغۇز تېنەپ يۈرىدىغان.
ساياق يۈرگەن تاياق يەر. سالپا - ساياق يۈرگەن ئاخىر يەرگە قارايدۇ. سالتاڭ سايدا قالىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خوتۇن ئالمىغان ياكى خوتۇنسىز قالغان.
تۇل، يېسىر
ئەرسىز قالغان.
بويتاقنىڭ ئەقلى ئىككى كۆزىدە. گۆش داڭقانغا چۇشلۇق، قىزىم سالتاڭغا. خوتۇن كىشى تىلى بىلەن تۇل قالار. سودىگەرنىڭ جېنى پۇل، خوتۇنى تۇل. يېتىم - يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلا.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
تەنھا، يالغۇز؛ يۈكسىز، يۈك ئارتىلمىغان؛ قىسىر، بالىسىز. مەسىلەن: سالتاڭ ئات _ يۈك ئارتىلمىغان ئات؛ سالتاڭ بايتال _ قىسىر بايتال؛ سالتاڭ ئايال _ بالىسىز ئايال.
شىۋىلەر
ھارىۋىكەشكە ياردەملىشىپ، قىغ ئۇسۇپ ۋە توشۇشۇپ بېرىدىغان ياردەمچى ئىشچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئائىلىسى بولمىغان، تەنھا، يالغۇز.
گۆش داڭقانغا تۇشلۇق، خېنىم سالتاڭغا تۇشلۇق (ماقال).
ئۈستىدە يۈكى ياكى ئۇچىلىقى بولمىغان، ياۋىداق.
ئۇرۇقلاپ ھالىدىن كەتكەن ئېشەكلەر يۈكسىز سالتاڭ كېلىۋاتقان بولسىمۇ پۇتىنى ئاران يۆتكەپ ماڭاتتى.
قورسىقىدا بالىسى يوق، ئېغىر ئاياق ئەمەس.
سالتاڭ خوتۇن، سالتاڭ ئېشەك.
قۇرۇق.
- ماقۇل، ئەمما ئېشىكىڭنىڭ بېشىنى ئۆزۈڭ تۇت، مەن تۇتسام بوينى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، سالتاڭ قالىسەن، مەن قۇيرۇقىدىن يۆلەي، - دەپتۇ ۋەلى باپكار.