UyghurMain Dictionary
سالمان فارىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پرسىيىلىك. باشتا زاراتوسترا دىنىنىڭ مۇخلىسى بولۇپ، كېيىن خرىستىئان دىنىغا ئەمەل قىلغان. جايلارنى ساياھەت قىلىپ ئاۋۋال ئىسفاھاندىن سۈرىيىگە بېرىپ خرىستىئان ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلغان. كېيىن رىم، مۇسۇل قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئاخىر ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېلىپ، كۈرە ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ يەردە بەدەۋىلەرگە ئالدىنىپ يەھۇدىيلارغا قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلىپ، مەدىنىگە كېلىپ قالغان. كېيىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. 627 - يىلى قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئەبۇ سۇفيان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەدىنە شەھىرىنىڭ يېنىدا خەندەك قېزىپ مۇداپىئە كۆرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. شۇ تەكلىپ بىلەن مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان. بۇ تارىختا <خەندەك غازىتى> دەپ ئاتالدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، سالمان فارىسى ناھايىتى بىلىملىك بولۇپ، ئىسلام دىنىنى پىششىق بىلىدىكەن. پرسىىدە ناھايىتى ھۆرمەتلىنىپ، <پەيلاسوپلارنىڭ ئالىي ۋەكىلى> دەپ تەرىپلىنىپتىكەن. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قارىشىچە، <ئۇ قۇرۇمايدىغان دېڭىز، بىلمەيدىغىنى يوق، ئوقۇمايدىغان كىتابى يوق> كىشى ئىكەن. شىئە مەزھىپىدىكى بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەلى، ھەسەن، ھۈسەين قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئەۋلىيالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.