Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساللۇست
Domain: دۇنيا تارىخى洒鲁斯特
sǎ lǔ sī tè
(مىلادىدىن ئىلگىرى 43 - 86) قەدىمكى رىم تارىخۇشۇناسى. سىياسىي جەھەتتە كائىسارغا بېقىغان. مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى ترىبون بولغان. بىر مەھەل ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن كائېسارنىڭ ھامىيلىقىدا، ئۇرخۇن ۋەنومىدىيە ۋالىيسى بولغان. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھوقۇقنى بولۇشىچە پايدىلانغان، بايلىقنى بۇلاپ ئالغان دەپ ئەيىبلەنگەن. كائېسار ئۆلگەندىن كېيىن، ئورمانلىققا كىرىۋېلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى ئەسەر يېزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. <كاتىلىن توپىلىڭى ھەققىدە خاتىرە> ۋە <جۇگۇرتا ئۇرۇشى> دېگەن ئىككى تارىخىي ئەسەرنى يازغان. ئالدىنقى كىتابتا مىلادىدىن 43 يىلى ئىلگىرى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كاتىلىن توپىلىڭىنىڭ باش - ئاخىرى بايان قىلىنغان؛ كېيىنكى كىتابتا رىمنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نومىدىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئۇنىڭ پادىشاھى جۇگۇرتا بىلەن ئۇرۇش قىلىش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى كىتاب قەدىمكى رىم جۇمھۇرىيىتى دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.