Uyghur←ChineseMain Dictionary
سالازار
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى萨拉萨尔
sà lā sà ěr
Domain: دۇنيا تارىخى萨拉查
sà lā chá
(1889 - 1970) پورتۇگالىيىلىك مۇستەبىت. ۋېمانرودىكى كىچىك ساراي ئىگىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كوئىمبرا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مەكتەپتە سىياسىي ئىقتىساد پروفېسورى بولغان. 1921 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1926 - يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرشتىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرى (1926 - 1828 - 1840) بولۇپ، ئاستا - ئاستا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. 1930 - يىلى <مىللىي ئىتتىپاق> دېگەن فاشىستىك پارتىيىنى قۇرۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ باشلىقى بولغان. 1932 - يىلدىن تارتىپ زۇڭلى بولغان. شۇنداقلا 1936 - 1947 - يىللىرى قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولغان، 1936 - 1947 - يىللىرى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە 1933 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇننى تۈزۈپ، فاشىستىك ئاتالمىش <بىرلەشكەن ۋە نوپۇزلۇق دۆلەت>قۇرغان. تاشقى جەھەتتە فرانكو ھاكىمىيىتىنى قوللىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە بىتەرەپ تۇرغان، لېكىن ئەنگىلىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ئالاقىسىنى ساقلاپ قالغان، ئەنگىلىيىنىڭ ئازور يېرىم ئارىلىدىكى بازىسىنى ئىشلىتىشكە ماقۇل بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگىلىيە، ئامېرىكىغا بېقىنغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرگەن (1949). 1968 - يىلى 9 - ئايدا كېسىلى ئېغىرلىشىپ خىزمەتتىن ئايرىلغان. كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.