Chinese→UyghurMain Dictionary
撒拉丁
دۇنيا تارىخى
سالاھىددىن
(1138 - 1193) مىسىردىكى ئەييۇبىلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. كۇرد. تىگرىس دەرياسى ۋادىسىدىكى تىكرىتتا تۇغۇلغان. 1164 - يىلى تاغىسىنىڭ قوشۇنىغا ئەگىشپ مىسىرغا كەلگەن. 116 - يىلى مىسىر فاتىمە خاندانلىقىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 1171 - يىلى فاتىمە خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئابباسلار خاندانلىقىغا سادىق ئىكەنلىكىنى بلدۈرگەن. 1174 - يىلى مىسىرنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن خەلىپە ئابباس ئۇنىڭغا سۇلتان دېگەن نام بەرگەن. كېيىن ئۇ، سۈرىيە بىلەن مىسوپوتامىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1187 - يىلى پەلەستىننىڭ شىمالىدىكى خاتتىندا ئەھلىسەلىپنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېرۇسالىم پادىشاھى ۋە مۇقەددەس ئوردا رىتسارلار پولىكىنىڭ پولكوۋنىكىنى ئەسىرگە ئالغان، 10 - ئايدا ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، ئەھلىسەلىپىنىڭ ئېرۇسالىمدىكى 88 يىللىق ئىشغالىيىتىگە خاتىمەبەرگەن. 1189 - يىلى غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىرى ئەھلىسەلىپنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق شەرققە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا ئەھلىسەلىپىنىڭ ھۇجۇمى توسۇلۇپ قالغان. 1192 - يىلى ئەنگىلىيەكورۇلى رىچارد Ⅰ بىلەن ئۈچ يىللىق ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان. ئىككىنچى يىلى سۈرىيەنىڭ دەمەشق شەھىرىدە ئۆلگەن.