Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساكسېن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
萨克森起义
sà kè sēn qǐ yì
1073 - 1075- يىللاردىكى ساكسېن دېھقانلىرى بىلەن فېئوداللىرىنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھېنرى Ⅳ كە قارشى قوزغىلىڭى. ھېنرى Ⅳ پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئەمەلدارلار (ئاساسەن سىۋابېنلار) غا تايىنىپ ساكسېندا شەھەر قەلئەسى قۇرغۇزۇپ، دېھقانلارنىڭ باج ۋە ھاشار - سېلىقىنى ئۈزلۈكسز ئېغىرلاتقان،شۇنىڭ بىلەن بىللە ساكسېن فېئوداللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلغان. 1073 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى فېئوداللار ئىگىلىگەن. قوزغىلاڭچى دېھقانلار شەھەر قەلئەسىنى بۇزۇپ، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلىپ، قوزغىلاڭنى فېئوداللىققا قارشى خاراكتېرگە ئىگە قىلغان. كېيىن فېئوداللار بىرلابۇرۇلۇپ ھېنرى Ⅳ بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. 1075 - يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، قوزغىلاڭغا قاتناشقان بەزى فېئوداللار ساكسېندىن قوغلاپ چىقىرىلغان.