Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساكېراي
Domain: دۇنيا تارىخى萨克雷
sà kè léi
(1811 - 1863) ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى. يۇقىرى دەرىجىلىك باي خىزمەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بالا چېغىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، نۇرغۇن مىراسقا ئىگەبولغان. كېيىن بانكا ۋەيران بولۇپ، نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغان. دەسلەپ قانۇن ئۆگىنىپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان، كېيىن يازغۇچى بولۇپ قالغان. 1848 - يىلى ئېلان قىلغان ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە رومانى <نام - مەنپەئەت مەيدانى> دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىشىپ چۈشكۈنلىشىشى ۋە بۇرژۇئازلارنىڭ ئاچكۆزلۈكى - ساختىپەزلىكى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان. قالغان ئەسەرلىرى ئىچىدە روماندىن <پەندىنىنىس>، <نېۋكوم ئائىلىسى>، تارىخىي روماندىن <ھېنرى ئېسماندىنىڭ تارىخى> ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان <ۋىرگىنىيىلىكلەر>، نەسرىي ئەسىرىدىن <بايلىق ۋە مەرتىۋىچىلەر> قاتارلىقلار بار. 50 - يىللاردا سىياسىي جەھەتتىكى رادىكاللاردىن بولۇپ، كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى ئەيىبلىگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ئىدىيىسىدە بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.