Uyghur←ChineseMain Dictionary
ساكلار
تارىخ
塞种
sāi zhǒng
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
sāi zhǒng (shēng huó yú xīn jiāng de yòu dài rén zhǒng )
塞种(生活于新疆的右代人种)
دىنى سۆزلۈكلەر
萨迦人
sà jiā rén
دىنى سۆزلۈكلەر
塞人
sāi rén
دۇنيا تارىخى
塞人
sāi rén
(<塞种人> دەپمۇ ئاتىلىدۇ - ت)، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقى شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ھىندى - ياۋرۇپا تىلسېستىمىنىڭ شەرقىي ئىران تىل تۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. سارماتىلار بىلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە سەبھۇن دەرياسى (بۈگۈنكى سىر دەرياسى) نىڭ شىمالىغا جۈملىدىن ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىⅥ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە قەبىلە ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ماكېدونىيە ئالېكساندىرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇخرىيلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۇنىڭ بىر تارمىقى ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ كىرىپ، كەشمىردە زابولىستان دۆلىتىنى قۇرغان. يەنە بىر تارمىقى غەربىي جەنۇبقا كۆچۈپ سوغدىيانا ۋە باكتىرىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىر قىسمى يەنىمۇ غەربكە ئىلگىرلەپ ئارساك (پارفىيە) نىڭ شەرقىي - جەنۇبىي قىسمىغا بېرىپ، دىرانگىيانا (بۈگۈنكىئىراندىكى سىستان) رايونىدا ساكلار دۆلىتىنى قۇرغان. ساكلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئاساس قىلغان، ئاتلىق ئوۋ قىلىشقا، جەڭگە ماھىر. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا كىرگەندىن كېيىن، پەيدىنپەي شۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
塞种人
sāi zhǒng rén
ساكلار <ساقالار>، <ساكالار>، <سېكىفلار>، <سەيلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرلەردە ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بەزى رايونلىرىدا يەنى كاسپىي دېڭىزدىن تارتىپ ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى، تەڭرى تېغى ۋە ھىنگان تېغى باغرىلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ياشىغان قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە جەنۇبىي روسىيە يايلىقى، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ياۋروپاغا، Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە ئىلى دەرياسى ۋادىلىرى، ئىسسقكۆل ئەتراپىغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇلار ئۆز ئىچىدىن ئۇچلۇق قالپاقلىق ساكلار، سۇ بويى ساكلىرى، يايلاق ساكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن.
ساكلار تىل جەھەتتە ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ساك (سېكىف) تىلىنى قوللانغان، ساكلارنىڭ بىر قىسمى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرلەردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅳ ئەسىرلەردە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىللەپ پېرسىيە ۋە ماكېدونىيە ئىمپېرىيسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، ئىلى ۋادىسىدىكى ساكلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە چوڭ توخرىلار (ياۋچىلار) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قىسمى جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كېلىپ، ھازىرقى كەشمىردە نەچچە بەگلىك دۆلەت قۇرغان؛ بىر قىسمى غەربىي جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، سوغدىيانا ۋە باكتىرىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان؛ يەنە بىر قىسمى شەرققە قاراپ ئىچكىرلەپ كىرىپ، پارفىيە (ھازىرقى ئىراننىڭ سىستان ئۆلكىسى) گە بېرىپ، ساك دۆلىتىنى بەرپا قىلغان، بەزى قەبىلىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەبۇبىي پامىر تاغلىق رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ ئۇدۇن، ئېركەشتام، جۇەندۇ، سۇلې (قەشقەر) قاتارلىق بەگىلىكلەرنى بەرپا قىلغان ھەمدە ساك ساكارائول، ئۇدۇن قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك مىللەت ۋە قوۋملارغا سىڭىشىپ كەتكەن، ساكلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قازاق دالىلىرىدىكى سېكىفلار، ئۇسۇنلار، تۇخارلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت ئىران ۋە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدا ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، قاتناش - ئالاقە جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ساكلار يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى يېقىنقى زامان مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھېلىمۇ قازاقلارنىڭ قىپچاق، ئارغىن قاتارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدە، چېرساك، بېساك، بورساك، كارساك قاتارلىق ئۇرۇقلارنىڭ نامى ساقلىنىپ كەلمەكتە، جۈملىدىن ئاففانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرگەن ساكلارمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، يەرلىك قەبىلە - قوۋملارغا سىڭىپ، شۇ يەردىكى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
ساكلار تارىختا <ساك يىلنامىسى> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كالېندارنى بەرپا قىلغان ۋە ئۇنى ۋاقىت ھېسابلاشقا قوللىنىپ كەلگەن، بۇ خىل كالېندار مىلادى 78 - يىلنى تۇنجى يىل قىلغان بولۇپ، بۇنى مىلادى Ⅰ - Ⅴ ئەسىرلەرگىچە، غەربىي جەنۇبىي ھىندىستان، نېپال، ھىندونېزىيە ۋە ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى بەزى مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوللانغان، ھىندىستانمۇ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1957 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ساك يىلنامىسى ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كالېندارنى تۈزۈپ چىقتى.