Chinese→UyghurMain Dictionary
萨克森公国
دۇنيا تارىخى
ساكسېن كىنەزلىكى
گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى رېين دەرياسى بىلەن ئېلبا دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى فېئودال كىنەزلىك بولۇپ، مىلادى Ⅸ ئەسىردىن ⅡⅩ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولغان. ساكسېنلار تۇرۇشلۇق رايون. 772 - 480 - يىللىرى ئېمپېراتور چارلىس بويسۇندۇرغان ھەمدە چارلېس ئىمپېرىيىسىگە قوشۇلغان. 843 - يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، شەرقىي فرانك پادىشاھلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن. مىلادى Ⅸ ئەسرىنىڭ ئاخىرىدا كىنەزلىك بولغان. 919 - يىلى ساكسىن كىنەزى ھېنرى Ⅰ (قۇشچى) گېرمانىيە كورۇلى بولۇپ، ساكسېن خاندانلىقىنى قۇرغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ، ساكسېن فېئوداللىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېلبا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پولابى سلاۋيانلىرىنىڭ يەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1180 - يىلى، ساكسېن كېنەزى قوشۇمچە باۋارىيە كىنەزى ھېنرى (شىر)نى كورۇل فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) خوجىلىق يەردىن مەھرۇم قىلغان. كېيىن ساكسېن رايونىدا بىرنەچچە كىچىك كىنەزلىك شەكىللەنگەن، بۇلاردىن مەشھۇرلىرى برۇنسىۋىك - لۇنېبۇرگ كىنەزلىكى، ساكسېن - ۋىتتىنبېرگ كورۇل سايلىغۇچى بەگلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ 1423 - يىلى ساكسېن ۋىتتېنبېرگ كورۇل سايلىغۇچى بەگلىك مېيسسېن ماركقا قوشۇۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن <ساكسېن> نام مۇشۇ يېڭى ساكسېنكورۇل سايلىغۇچى بەگلىكنىلا كۆرسىتىدىغان بولغان.