UyghurMain Dictionary
ساكدال پارتىيسى قوزغىلىڭى
Domain: دۇنيا تارىخىفىلىپپىن خەلقىنىڭ ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى. <ساكدال> نىڭ مەنىسى <گۇناھكار> دېگەنلىك. بۇ پارتىيىنى پومېشچېك بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرى 1933 - يىلى قۇرغان، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى ياپونپەرەس راموس،ئاساسىي ئەزالىرى دېھقانلار. ئۇنىڭ شۇئارى - 1935 - يىلى ئىچىدە <پۈتۈنلەي ھەم مۇتلەق مۇستەقىللىك > نى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇ يەرلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش، بارلىق باج سېلىقنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. قوزغىلاڭ 1935 - يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا لۇسۇن ئارىلىدا كۆتۈرۈلگەن. بالاگەن، نىخۇ، لىشا، كاۋىتي ئۆلكىلىرىدىكى دېھقانلار ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان، قاتناشقۇچىلار 100 مىڭغا يەتكەن. قوزغىلاڭچىلاردا كۈچلۈك رەھبەرلىك ۋە قاتتىق تەشكىل كەم بولغانلىقتىن، كوئېزون ھۆكۈمىتى ۋە ئامرېكا مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قوزغىلاڭ فىلىپپىن سىياسىتىدە بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.