Uyghur←ChineseMain Dictionary
سايراش نەيچىسى
Domain: بىئولوگىيە鸣管
míngguǎn
قۇشلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى. ئۇ كاناي بىلەن كانايچىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. شۇ جايدىكى كاناي ھالقىسى ئالاھىدىلىشىپ <سايراش سۆڭىكى> گە ئايلانغان بولۇپ، نەيچە دىۋارىدىكى نېپىز پەردە <سايراش پەردىسى> نى شەكىللەندۈرگەن. كانايدىن ھاۋا ئۆتكەندە، سايراش پەردىسى تىترەپ ھەر خىل سايرىغان ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ. بەزى قۇشلارنىڭ كانىيىنىڭ ئىككى يېنىدا يەنە <سايراش مۇسكۇلى> بولۇپ، سايراش پەردىسىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق سايراش ئاۋازىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. سايرىغۇچى قۇشلارنىڭ قۇشقاچسىمانلار ئەترىتىدىكى قۇشلارنىڭ مۇرەككەپ سايراش مۇسكۇلى ھەم سايراش نەيچىسى بولۇپ، ھەر خىل يېقىملىق ئاھاڭ ۋە ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.