UyghurMain Dictionary
سايگون جېڭى
دۇنيا تارىخى
خۇزىمىڭ جېڭى دەپمۇئاتىلىدۇ. ۋيېتنامنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدا ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىنى ئازاد قىلىش غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلگەن جەڭ. 1975 - يىلى 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا ۋيېتنامنىڭ ئارمىيە ۋە خەلقى ئەتىيازلىق ھۇجۇم قوزغاپ، شىيۇن جېڭى ۋە خۇئەداناڭ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن باشلاپ ھۇجۇم قوزغاپ، لۇڭچېڭ، نىڭشۈن، پىڭشۈن ۋە پىڭسۈي ئۆلكىلىرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن،26 - ئاپرېلدا ئەسكىرىي كۈچىنى بەش يولغا بۆلۈپ، سايگوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيىسىگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 30 - ئاپرېلدا سايگون - جيادىڭ شەھىرىنى ئازاد قىلغان، قورچاق ھاكىمىيەتنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي پۈتكۈل جەنۇبىي ۋېيتنام تولۇق ئازاد بولۇپ، ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.