Chinese→UyghurMain Dictionary
塞尔维特
دىن
sāi ěr wéi tè
基
خىرىستيان دىنى
مىگوئېل سېرۋېت، سېرۋېت
دۇنيا تارىخى
سېرۋېتوس
(تەخمىنەن 1511 - 1533) ئىسپانىيىلىك گۇمانىتار ئالىم ۋە دوختۇر. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆز دۆلىتىدىكى ساراگوسا ۋە فرانسىيىدىكى تولۇزادا قانۇن ئۆگەنگەن. 1531 - يىلى ماقالە ئېلان قىلىپ،كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئۈچ بىر گەۋدە تەلىماتىغا قارشى تۇرغان. 1536 - يىلى پارىژغا بېرىپ، تېببىي ئىلىم (بولۇپمۇ ئاناتومىيە)نىتەتقىق قىلىپ، قاننىڭ ئۆپكە ئارقىلىق ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئادەم تېنىدە قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا مەلۇم تۆھپە قوشقان. 1541 - 1553 - يىللىرى ۋېنادا دوختۇرلۇق قىلغان. 1553 - يىلى <خرىستىئان دىنىنىڭ گۈللىنىشى> دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ پەلسەپەۋە تەبىئىي پەن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كاتولىك دىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، كالۋىن دىنى كونتروللىقىدىكى جەنۋەگە قېچىپ كېتىشكە مەجبور بولغان. كالۋىن دىنىدىكىلەر ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بىدئەت دېگەن جىنايەت بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن.