UyghurMain Dictionary
ساغەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەي، ساراب پىيالىسى، قەدەھ:
مەرھەبا ساقى بۈگۈن خۇمارىمنى دەفئ ئەيلەسەڭ،
شىشەئى ساغەرنى تولدۇرغىل ققۇيۇپ گۇلگۇن شاراب.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەي - شاراب ئىچىدىغان پىيالە، قەدەھ: ساغەر چەكمەك - سۈرمەك، مەي ئىچمەك؛ ساغەرى خۇرشىد - قۇياش (ئەسلى مەنىسى قۇياش پىيالىسى)؛ ساغەركەش - ئىچكۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچكۈلۈك ئىچىدىغان كىچىك قاچا، چىنە.
«قەدەھ كۆتۈرمەك» رەسمىي سورونلاردا، «رومكا سوقۇشتۇرماق» ئاددىي ئولتۇرۇشلاردا دېيىلىدۇ.
«باكال» پىۋا ئىچىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ھاراقكەشنىڭ بايلىقى - قەدەھ. قەدەھتە ئۆلگەن دېڭىزدا ئۆلگەندىن جىق. ھەي ئىنسان، قولۇڭدا پەۋەس تولغان جام، ۋەسۋەسىدىن تىنماس دىل، بىسەرەمجان. مەست قولىغا چۈشسە پىيالە، ئەسىلا ئۇنى سۇندۇشنى كۆرمەيدۇ راۋا. كىشىلەر « سالاپەتلىك ئۈچۈن» دەپ رومكا سوقۇشتۇرۇپ سالامەتلىكىدىن ئايرىلىدۇ. پىۋا ئىچتۇق باكالدا، خار بولمايلى ئۆز ماكاندا.
Rate this entry