Chinese→UyghurMain Dictionary
萨尔贡二世
دۇنيا تارىخى
سارگون Ⅱ
ساررۇكىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەنىسى <ھەققانىيەتچىل پادىشاھ> دېگەنلىك بولىدۇ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 722 - 705). تىگلاھ پىلېسېر Ⅱ دىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. مىلادىدىن 722 يىل ئىلگىرى سامارىيىگە ئۈچ يىل قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرى يەڭگەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، 27 مىڭدىن ئاھالىنى ئېلىپ قايتقان. ئۇ يەنە تۇرې، گازانى مەغلۇپ قىلغان، پۈتكۈل سۈرىيىنى بويسۇندۇرغان، مىسىر فىرئەۋىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور بولغان. مىلادىدىن 714 يىل ئىلگىرى ئورارتو پادىشاسى لۇسا Ⅰ نى مەغلۇپ قىلىپ، توشپا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، مۇساشىر شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، نۇرغۇن غەنىيمەت ئالغان. مىلادىدىن 710 يىل ئىلگىرى يەنە بابىلوننى ئىشغال قىلىۋالغان (ئۆزى ۋالىي بولغان)، بابىلونىيىنى ئىمپېرىيە زىمىنىغا قوشۇۋالغان. تەسىر دائىرىسى كىچىك ئاسىيا ۋە سىپرۇس ئارىلىغىچە بېرىپ يەتكەن. ھەرقايسى شەھەرلەردىن نەچچە ئون مىڭ ئاھالىنى ئېلىپ، مەجبۇرىي يۆتكەپ كەتكەن. مىلادىدىن 707 يىل ئىلگىرى پايتەختىنى دۇر ساررۇكىن ( بۇنىڭ مەنىسى <ساردۇكىن قورغىنى> دېگەنلىك، ھازىرقى ئىراقتىكى ھېلساباد)غا يۆتكىگەن، ئوردا سېلىىپ، بولۇشىچە ھۇزۇر - ھالاۋەت كۆرگەن. ئۇنىڭ ئوردىسى ۋە نۇرغۇن ئاسارا - ئەتىقىلىرىنى ⅩⅪ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئارخېئولوگلار تاپقان.