UyghurMain Dictionary
سادىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
راست گەپ قىلغۇچى، توغرا ئىش قىلغۇچى؛ ساداقەتلىك، ۋاپادارلىق:
دېدى شەيخ، بۇ پاك ئاشىق ئىكەن،
ھەقىقەت ھەرىمىگە سادىق ئىكەن.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىن دىلدىن بېرىلگەن، راستچىل.
سادىق قەلب مۇھەببەتنىڭ بىخەتەر مەنزىلىدۇر. خەلققە سەمىمىي، ئىشقا ئەستايىدىل بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. چىن كۆڭۈلدىن بېرىلگەن، سەمىمىي، ساداقەتلىك.
نېغمەت شەھەرگە يۆتكىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ سادىق چاكىرىنىمۇ يۆتكەپ كېلىۋالغانىدى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
راستچىل، ھەقىقىي