UyghurMain Dictionary
ساددا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىكىدەك، ئومۇمىدىن ئانچە پەرق قىلمايدىغان.
ئاددىي ياشا، ئوغرىلىق قىلما. ساددا ئادەم ساختىلىق قىلماس. ئاددىي - ساددا تۇرمۇش ئادەمنى روھىي خۇشاللىققا ئىگە قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز، قۇۋلۇق - شۇملۇقنى بىلمەيدىغان، دىلى ئاق، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان.
ھىيلىگەر، مەككار، مۇغەمبەر، قۇۋ، لولا، ھەييار، نەيرەڭۋاز، ھارامزادە، تادان، قېرى تۈلكە، قېرى قاقباش
قۇۋلۇق - شۇملۇقتا ئۇستا، يالغانچىلىق بىلەن كىشىنى ئالدايدىغان، دىلى قارا.
ساددا ساختىپەزلىك قىلماس. گول ئادەم زىيان تارتسىمۇ قۇۋ كىشىدىن ياخشى. ئاق كۆڭۈلنىڭ ئېتى ھارماس، كىيىمى توزۇماس. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق. ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ ئىچىدىن سېرىقى چىقماس. مەككاردىن ئىت ياخشى. ئون تازنى توققۇزى ھەييار، ئوق سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار. مۇغەمبەر كاسىپنىڭ تىلىكى كور خېرىدار. قۇۋ تۈلكىنى كۈچۈك بىلەن تۇتقىلى بولماس. لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن. نەيرەڭۋازنىڭ تىلى ئىلمەك. ھارامزادىنىڭ ئارغامچىسى بىلەن قۇدۇققا چۈشمە. تادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
مۇرەككەپ ئەمەس، ئاددىي.
ئىككىمىز ئۇنىڭ ساددا سوئالىدىن كۈلۈپ كەتتۇق.
ئانچە پۇزۇر، ئالاھىدە ئەمەس، ئادەتتىكىدەك.
ئۇنىڭ كىيىملىرى ناھايىتى ساددا ئىدى.
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ياكى قۇۋلۇقنى بىلمەيدىغان، ئاددىي، تۈز، كەمتەر.
كاتىپ ساددا بوۋاينىڭ گېپىدىن كۈلۈپ گۈلئايشەمگە قارىدى.