UyghurMain Dictionary
سادا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تاۋۇش، ئاۋاز؛ ئۈن.
سادا چىقماق.
كۆچمە. جاۋاب، ئىنكاس.
بۇ تەلەپ كىشىلەر ئارىسىدا قاتتىق سادا پەيدا قىلدى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، زۇلپىقار، مەمتىمىن ئابدۇۋەلى، تۇرسۇن نىياز قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا زۇلپىقارنىڭ <قارىغۇ ئېتىقاد>، <ھال سوراش>، <ھايات>، <قارىيھاجىمنىڭ ئېشىكى>، <سادا>؛ مەمتىمىن ئابدۇۋەلىنىڭ <يىغلايمۇ، كۈلەيمۇ>، <پۇچۇق>؛ تۇرسۇن نىيازنىڭ <قوش قەبرە>، <بېكەتتىكى ھەمراھ> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئاۋاز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئاۋاز، سادە. قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئاۋاز، سادا، داڭلىق.