UyghurMain Dictionary
رېزۇس فاكتورى
بىئولوگىيە
قان تىپى ئالدى بىلەن ھايۋانلاردا تېپىلغان. رېزۇس مايمۇنىنىڭ (Rhesus macacus ياكى گانگ ماكاكاسى) قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى دېڭىز چوشقىسىنىڭ قورساق بوشلۇقىغا تەكرار ئوكۇل قىلىپ سالغاندا دېڭىز چوشقىسىنىڭ قان زەردابىدا بىر خىل ئاگگليۇتىنىن ھاسىل قىلدۇرۇپ رېزۇس مايمۇنىنىڭ (ماكاكانىڭ) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە ئاگگليۇتىناتسىيە رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ئاگگليۇتىنىن ئانتى Rh ئاگگليۇتىنىنى دېيىلىدۇ (ئۇ رېزۇس مايمۇنىنىڭ ئىلمىي نامىنىڭ باشتىكى ئىككى ھەرپى بىلەن ئاتالغان). كېيىن ئانتى Rh ئاگگليۇتىنىنىڭ كۆپ ئادەملەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىمۇ ئاگگليۇتىناتسىيىلەيدىغانلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن رېزۇس مايمۇنى (ماكاكا) ۋە ئادەم قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ماس ئانتىگېنلار رېزۇس (Rh) فاكتورى دەپ ئاتالغان. ئادەم قان سۇيۇقلۇقىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ Rh ئاگگليۇتىنىن بىلەن ئاگگۇليۇتىناتسىيە رېئاكسىيىگە كىرىشەلەيدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى Rh مۇسپىي خاراكتېرلىك، ئاگگليۇتىناتسىيە رېئاكسىيىگە كىرمەيدىغانلىرى Rh مەنپىي خاراكتېرلىك ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئېنىقلىشىچە مەملىكىتىمىزدىكى خەنزۇلارنىڭ 99 پىرسەنتى Rh مۇسپىي خاراكتېرلىك، پەقەت بىر پىرسەنتى Rh مەنپىي خاراكتېرلىك بولىدىكەن. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ Rh مەنپىي خاراكتېرلىكلىرىنڭ پىرسەنتى يۇقىرىراق، مەسىلەن، مياۋزۇلارنىڭ 3.12 پىرسەنت، تاتارلارنىڭ 8.15 پىرسەنت بولىدۇ. Rh مەنپىي خاراكتېرلىك ئادەمنىڭ قان پلازمىسىدا ئانتى Rh ئاگگليۇتىنىن بولمايدۇ، ئەگەر قان بەرگەندە، بىرىنچى نۆۋەتتە Rh مۇسپىي خاراكتېرلىك قان كىرگۈزۈلسە ئاگگليۇتىناتسىيە رېئاكسىيىسى يۈز بەرمەيدۇ، لېكىن Rh فاكتورىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بەدەندە ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيە يۈز بېرىپ ئانتى Rh ئاگگليۇتىنىن پەيدا بولىدۇ. تەركىبىدە Rh فاكتورى بولغان قاننى تەكرار بەرگەندە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاگگليۇتىناتسىيىلىشىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا كېسەللەرگە تەكرار قان بېرىش ۋاقتىدا ئوخشاش بىر قان بەرگۈچىنىڭ قېنى بېرىلسىمۇ تاساددىپىيلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنىلا قايتىدىن گىرەلەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرۇش تەجرىبىسى ئىشلىنىشى لازىم.