Uyghur←ChineseMain Dictionary
رېئونىئون
دۇنيادىكى شەھەرلەر
留尼汪
liú ní wāng
ھىندى ئوكياننىڭ غەربىدىكى ماسكىدىن تاقىم ئاراللىرى ئىچىدىكى بىر يانار تاغ ئارىلى. ئۇ ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى ماداغاسقاردىن 680 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ. يەر مەيدانى 2510 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تاغلىق ۋە ئېگىزلىكلەر ئاساسىي قسىمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ ئېگىز بىر ھەرىكەتتىكى ۋولقاننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3069 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك نەم ئىقلىمىغا، تاغلىق رايونلىرى مۆتىدىل - سالقىن ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شەرقىي تاغ باغرىلىرىدا 2000-3000 مىللىمتېر، غەربىي تاغ باغرىلىرىدا 1000 مىللىمتېردىن تۆۋەن بولىدۇ. رېئو نىئون دۇنيادا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر كۆپ بولىدىغان رايون. 1952 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە بولغان سەككىز سوتكىدا 4130 مىلىمېتر يامغۇر ياغقان. رېئۇنىئوننىڭ ئاھالىسى 490 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى فرانسۇزلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا مالگاشلار، ھىندىستانلىقلار، پاكىستانلىقلار، ياۋروپالىقلار، جۇڭگولوقلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەرلىكلەشكەن فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى سېنت دىنى شەھىرى. رېئۇنىئون خەلقى ئىقتىسادتا ئاساسەن شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شېكەر قۇمۇشى ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ. شېكەر قۇمۇشىدىن باشقا كۆممىقوناق، چاي، تاماكا ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇ ئارالغا خاس خونىلا مېۋىسى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائىتىدە شېكەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا پۇراقلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر بار. رېئۇنىئونىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى فرانسۇز كاپىتالىستىلىرى كونترول قىلىدۇ.