UyghurMain Dictionary
رىئېنزو
دۇنيا تارىخى
(1313 - 1354) ئىتالىيە سىياسىئونى. ئەسلىدە گۇۋاھچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پاپا ئاۋىگنون دەۋرىدە 1309 - 1377( رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زرلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان - ياساق ئالغانلىقى قول سانائەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىۋەتكەن. 1347-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۇ رىمدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان، ئۆزى ترىبون بولغان. يېڭى ھاكىمىيەت شەھەر قوراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئاقسۆڭەكلەرنى جۇمھۇرىيەتكە سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاقسۆڭەكلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، شۇ يىلى 12-ئايدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، رىمنى يېڭىۋاشتىن بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئابرۇززى )رىمنىڭ شەرقىي شىمالىدا( تاغلىق رايونغا قېچىپ كەتكەن. 1350-يىلى يەنە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىىسنىڭ پادىشاھى چارلىس Ⅵ دىن ياردەم تىلەش ئۈچۈن پراگاغا بارغاندا قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئاۋىگنونغا ئاپىرىپ، پاپانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېڭى پاپا ئىننوسېن Ⅵ پاپا دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرنالىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان. 1354-يىلى 8-ئايدا ئۇ ياللانما قوشۇننى باشلاپ رىمنى ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى يېڭىۋاشتىن قۇرغان. ياللانما قوشۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، باجنى كۆپەيتىشكە مەجبۇر بوغان، ھەتتا ئاھالىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئاممىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلغان. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى رىمدا يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە ئۆلتۈرۈلگەن.