Uyghur←ChineseMain Dictionary
رۇتېنبېرگ
Domain: دۇنيا تارىخى鲁腾堡
lǔ téng bǎo
(1882 - 1927). ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن ۋە رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئوخىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدىلا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1909-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، سول قانات ئاز سانلىقلارغا قوشۇلغان. 1912-يىلى <كلېۋېلاند سوتسىيالىستلار گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1913 - 1919-يىللاردا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كلېۋېلاند پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، سوۋېت روسىيىسىگە مۇداخىلە قىلىشقا قارشى تۇرغان. 1919-يىلى 9-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1920-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەتلىكىگە سايلانغان. شۇ يىلى قولغا ئېلىنغان. 1921-يىلى ئامېرىكا كوممۇنىزمچى ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى بىلەن ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، تۈرمىدە تۇرۇپ ئامېرىكا بىرلەشكەن كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىجرائىيە سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1925-يىلى نامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. 1926-يىلى يەنە قولغا ئېلىنغان، كېيىن تۈرمىدە ئۆلگەن. موسكۋادىكى قىزىل مەيدانغا دەپنە قىلىنغان.
Domain: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى鲁滕贝格
lǔ téng bèi gé
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.