Chinese→UyghurMain Dictionary
乳酸细菌
بىئولوگىيە
لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى
قەنتلەرنى ئېچىتقاندا لاكتىك كىسلاتاسى ئاساسلىق ياكى بىردىنبىر مەھسۇلات بولىدىغان، گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك، بىخ سپورا ھاسىل قىلمايدىغان بىر خىل باكتېرىيە. ئۇ ئىككى خىل مورفولوگىيىلىك تۈركۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىرى، شارسىمان لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى، بۇنىڭ ئاسالىقلىرىدىن زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى، لېكونوستوك باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى بىلەن ئاياغلىق شارچە باكتېرىيىسى بار؛ يەنە بىرى، تاياقسىمان لاكىتك كىسلاتا باكتېرىيىسى، يەنە لاكتىك كىسلاتا تاياقسىمان باكتېرىيە ئۇرۇقدىشى. ئېچىتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ ئوخشىماسىقىغا ئاساسەن ئوخشاش تىپلىق لاكتىك كىسلاتاسىنى ئېچىتىدىغان باكتېرىيە ۋە غەيرىي تىپلىق لاكتىك كىسلاتاسى ئېچىتىدىغان باكتېرىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى قەنتلەرنى ئېچىتقاندا بىردىنبىر مەھسۇلاتى لاكتىك كىسلاتاسى ياكى ئىنتايىن ئاز مىقداردا باشقا مەھسۇلاتلار ھاسىل بولىدۇ؛ كېيىنكىسى قەنتلەرنى ئېچىتقاندا ئاساسلىق مەھسۇلات لاكتىك كىسلاتاسىدىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقداردا ئاتسېتات كىستاسى، ئېتانول ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى قاتارلىق باشقا مەھسۇلاتلار ھاسىل بولىدۇ. لاكتىك كىسلاتاباكتېرىيىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش تەلىپى ئادەتتە مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇلار تۈرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئورگانىك ئۆستۈرگۈچى فاكتورغا مۇھتاج، كۆپ ساندىكىلىرى ئوكسىگېنگە مۇھتاج ئەمەس ۋە سەزگۈر ئەمەس. ئوكسىگېنلىق ياكى ئوكسىگېنسىز ھەمدە مەلۇم كىسلاتا بولغان شارائىتتا ئۆسىدۇ. بەزى ئوخشاش تىپلىق ئېچىتىدىغان باكتېرىيىلەر مەسىلەن، دېس لاكتىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسى سانائەتتە لاكتىك كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار يەنە يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سانائىتىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، سۈت ياسالمىلىرى ۋە يېمەكلىك ئېچىتىش، مېۋىدىن ھاراق ئېچىتىش، سەي چىلاش ۋە ئاچچىق سەيلەرنى ياساش قاتارلىقلار. ئۇلار سىلوس ئېچىتىش جەريانىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. لاكتىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يەنە لاكتىك كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيىنى ياساپ ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەزى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسىدىن باشقا لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىلىرىنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ، بىراق بەزىلىرى قىسمەن يېمەكلىكلەرنى ئېچىتىش ۋە ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
rǔ suān xì jūn
لاكتىك كىسلاتا باكتېرىيىسى