UyghurMain Dictionary
رۇقئە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەت، مەكتۇپ:
ياماق:
ئاتاسى دېدى: ئەي قىزىم مەرھەبا، 1.
ئوقۇپ رۇقئەنى ئاندا چەكتىڭ نەۋا.
ئا. نىزارى.
پۈتۈپ رۇقئە بەردىم قولىغە ئەمەل،
كىشى بەرمەيىن ھېچ سۆزۈمگە خەلەل.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. چۇ شيەخ خىرقەسىغە رۇقئە تىكى، جىسمى تۇتاشتى،
سەمۇم ھۇللەسىدەك كۆڭلەكىم يورۇنىمۇ ئېركىن؟
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەت، مەكتۇپ، قەغەز پارچىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ بىر تۈرى. بۇ ئۈنچە تىزىقىدەك كەلگەن كالتە، دىقماقراق، مەزمۇت، ئېنىق تىك سىزىقلىق نۇسخا بولۇپ، تېز يېزىلىدۇ. چېكىتلىرى دانە - دانە قويۇلماستىن، ئاچىماق، يانتۇ سىزىقچە ھالىتىدە قويۇلىدۇ. بەزى ھەرپلەرنىڭ مەسىلەن، <ش، ن، ق> ھەرپلىرىنىڭ چېكىتلىرى قۇيرۇقىغا ئۇلاپلا تارتىپ قويۇلىدۇ.