Chinese→UyghurMain Dictionary
若四世
دۇنيا تارىخى
جوئاۋ Ⅳ
(1604 - 1656) پورتولوگالىيە كورۇلى (1640 - 1656). براگانزا خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. سەىزىنچى ئەۋلاد براگانزا گېرتسوگى، تارىختا <تەلىيى ئوڭدىن كەلگۈچى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مومىسى جوئاۋ (Ⅲ 1557 - 1502 ( نىڭ جىيەن قىزى بولغاچقا، ئۇ پورتۇگالىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كورۇل بولغان. تەختتە ئولتۇرغاندا مۇستەقىللىكنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچ چىقارغان. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپادا دىپلوماتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گوللاندىيە بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان.