Chinese→UyghurMain Dictionary
若奥五世
دۇنيا تارىخى
جوئاۋ Ⅴ
(1689 - 1750) پورتۇگالىيە كورۇلى (1706 - 1750). ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا تەختكە چىقىپ، ئاتىسى پېدرو Ⅱ نىڭ تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە برازىلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، پارلامېنتنىڭ مالىيە جەھەتتىكى توسقۇنلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن؛ سانائەتنى رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئىلىم - پەن ۋە سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. تارىخ ئاكادېمىيىسى، تەبىئەت تارىخى مۇزېيى تەسىس قىلغان، خانلىق كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان. 1741-يىلى رىم پاپاسى ئۇنىڭغا <ئەڭ ئىخلاسمەن جاناب> دېگەن نامنى ئىنئام قىلغان.