UyghurMain Dictionary
رۇم سۇلتانلىقى
دۇنيا تارىخى
سالجۇق تۈركلىرى كىچىك ئاسىيادا قۇرغان فېئوداللىق دۆلەت. ئەرەبلەر شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنى كىچىك ئاسىيانى رۇم (<رىمنىڭ زېمىنى> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، شۇنداق نام ئالغان. 1071-يىلى مانىسككات جېڭىدە كېيىن، كىچىك ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى سالجۇق تۈركلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1077-يىلى سالجۇق ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئالىپ ئارسلاننىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سۇلايمان ئىبن قۇتلۇمىش (1077 - 1786-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) بۇ جايغا ئىگە بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سالجۇق ئىمپېرىيىسى زاۋالغا يۈز تۇتقاندىن كېيىن، مۇستەقىل سۇلتانلىققا ئايلانغان. پايتەختى كونيا قەدىمكى زاماندا ئىكون دەپ ئاتالغاچقا، ئىكون سۇلتانلىقى دەپمۇ ئاتالغان. ياۋروپا ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا گۈللەنگەن بولۇپ، كىچىك ئاسىيانىڭ شەرق شىمالىي قىسمىدىكى دانىشمەند خاندانىقىنى بويسۇندۇرغان، ئالاھىددىن كەيقۇباد Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1219 - 1237) ئىقتىساد - سودا گۈللىنىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت راۋاجلىنىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپقان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ ئىلىكخان خانلىقىغا بويسۇنغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 10 نەچچە ئەمىرلىك دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمان ئەمىرلىك دۆلىتى كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئوسان ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان.