Uyghur←ChineseMain Dictionary
رۇميانتسېۋ
دۇنيا تارىخى
鲁勉采夫
lǔ miǎn cǎi fū
روسىيىنىڭ ھەربىي قوماندانى. پېتىر Ⅰ نىڭ يېقىن ۋەزىرىنىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشى (1741 - 1743) غا قاتناشقان. 7-يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، پرۇسسىيە بىلەن سوقۇشقان ۋە كولبېرگنى ئالغان. 1764 - 1796-يىللاردا ئوكرائىنا گوبېرناتورى بولۇپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1768 - 1774)، غەربىي جەنۇبىي فرونتقا قوماندانلىق قىلىپ، روسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىشتەك غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ، مارشاللىق ئۇنۋانى ۋە گرافلىق نامىغا ئىگە بولغان. كېيىن يەنە 1787 - 1791-يىللاردىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولسىمۇ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قومانانى پوتيومكىن بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقتىن، چاقىرتىپ كېتىلگەن. كېيىن ئەمەلىيەتتە ھەربىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.